ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

قانداق كىشىلەر ئۆي ئالالمايدۇ؟

ۋاقتى : 2011-10-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

1. ئۆي باھاسى يەنە چۈشىدۇ دەپ ئويلايدىغانلار. بۇ خىل كىشىلەر ھەر كۈنى ئۆي باھاسىنىڭ غولاپ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەڭ ياخشى ئۆي سودىگەرلىرى ئۆينى سېلىپ تەييار قىلىپ قويۇپ، ئۇلارغا يەنە ئازراق پۇل بېرىپ چىقىرىپ قويسا بولىدۇ. ئۇلار مۆجىزە يۈز بېرىشىنى تاما قىلىپلا يۈرۈيدىغان خىيالپەرەسلەردۇر.

2. ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئارقىدا قالىدىغانلار. ئۆي كۆرگەندە بۇ ياخشىكەن، ئۇ ياخشىكەن دەيدۇ، ھالقىلىق پەيتتە گىجىڭلىق قىلىدۇ، ياقساق پىشارمىكىن، كۆمسەك پىشارمىكىن دەپ ئىككىلىنىپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئاخىرىدا پۇشايماننى ئالىدىغانغا قاچا تاپالمايدۇ.

3. ئۆي سودىگەرلىرى ۋە ئۆي بىدىكلىرىگە مەڭگۈ ئىشەنمەيدىغانلار. بۇ خىل كىشىلەر مەڭگۈ ئۆزىنى مەركەز قىلىۋالىدۇ، ئۆزى پۈتۈن جاھاندىكىلەرگە مەسئۇل بولۇشنى خالايدۇكى، جاھاندىكىلەرنىڭ ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشىنى خالىمايدۇ. دۇنيادا خەلققە پۈتۈنلەي خىزمەت قىلىدىغان ئۆي سودىگىرى يوق، شۇنداقلا مەڭگۈ سەمىمىي بىدىك يوق. ھەممەيلەن ئوقەت قىلىپ جېنىنى باقىدۇ ئەمەسمۇ، ئەڭ مۇھىمى سىزنىڭ قانداق قارىشىڭىز، قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدا.

4. ھەمىشە كۆرىدىغان، ئەمما ئالمايدىغانلار. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئالمايدىغان نىيىتى يوق، بەلكى كۆپرەك كۆرۈپ ئاندىن ئېلىشنى خالايدۇ. ئۆي ھامان بارغانسېرى ياخشى سېلىنىدۇ، باھاسىمۇ بارغانسېرى ئۆرلەيدۇ، مىڭ تەستە يارىغۇدەك ئۆيدىن بىرنى تاللاپ، باھاسىنى ئاڭلاپلا ئاغزىنى ئېچىپ قالىدۇ: ”نېمە؟ مەن بۇرۇن كۆرگەن باھاغا ئوخشىمايدىكەنغۇ؟!“

5. مەڭگۈ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گېپىگە ئېشىنىدىغانلار. كۈندە "ئۆي باھاسى چۈشىدۇ" دەپ ۋالاقلايدىغان مۇتەخەسسىسلەر بىر تەرەپتىن ۋالاقلىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي سودىسى قىلىدۇ. بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قايسى بىرىنىڭ نەچچە يۈرۈشتىن ئۆيى يوق؟ ئەگەر ئۆي باھاسى ئۇلاردەك ھەر كۈنى پو ئېتىشنىلا بىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گېپى بىلەنلا چۈشۈپ كېتىدۇ، دېسە ئىشىنەمسىز؟!

6. ئۆي باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتقانلار. بۇ خىلدىكى كىشىلەر پاي ئوينىغانغا ئوخشاش ھەر كۈنى ئۆي باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈشىنى كۈتۈپلا ئولتۇرىدۇ، ئەمما كىم ئۆي باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەنلىكىنى بىلىدۇ؟!

7. توققۇزى تەل ئۆي ئېلىشنى ئويلاۋاتقانلار. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ تايىنى يوق، چۈنكى ئۇلار ھەمىشە پۇلنى دەل جايىدا خەجلەشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كىم توققۇزى تەل ئۆينى كۆرۈپ بېقىپتۇ؟ خان ئوردىسىدەك كاتتا ئورۇنغا جايلاشقان ئۆينى پىت بازىرىنىڭ باھاسىدا ئالغىلى بولامدۇ؟ ئۇلار ئۆيلەرنى ھارغىدەك كۆرگەندىن كېيىن، ئەسلىدە ھەر قانداق ئۆينىڭ كامچىلىقى بارلىغىنى ھېس قىلىدۇ- دە، بەدنىيەت بىدىك ياكى ئاچكۆز سودىگەرنىڭ قايمۇقتۇرۇشى بىلەن كۆزىنى يۇمۇپلا بىر ئۆيگە كىرىدۇ. ئاخىرىدا ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ جاھاندىن، كىشىلەردىن زارلىنىپلا ئولتۇرىدۇ.

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا